پۇتىن: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا

رۇسىيە دۆلەت پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەدىكى VTB بانكىسى ئۇيۇشتۇرغان «رۇسىيە چاقىرىدۇ» ناملىق خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

2217242
پۇتىن: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن يىغىندىكى سۆزىدە، غەربنىڭ دۆلىتىنى ئىقتىسادىي ساھەدە ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پۇتىن غەربلىك سىياسەتچىلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتلەرگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «دۇنيا ئۆزگىرىۋاتىدۇ ۋە ھەممە نەرسە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. ئۇلار (غەربلىك سىياسەتچىلەر) ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تېزلەتمەكتە» دېدى.

رۇس رەھبىرى ئامېرىكانىڭ 47-پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپنىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى پۇل بىرلىكىنى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە دوللاردىن يىراقلىشىشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلمىغان ئەھۋالدا، 100 پىرسەنت تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى باياناتى توغرىسىدا توختىلىپ، دۇنيانىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ترامپ تۆت يىل بويىچە ئاق سارايدا يوق ئىدى. بۇ مەزگىلدە دۇنيا ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ترامپنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى دۇنيا زاپاس پۇل بىرلىكى بولغان دوللارنىڭ ئاساسلىرىنى يىمىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلىرىگە باھا بېرىپ: «ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پائال ۋە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ رايوندىكى قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىقتىساد، ئارقا سەپ لىنىيەلىرى زىيانغا ئۇچرىماقتا. نۇرغۇن يۈك توشۇغۇچىلار پاراخوتلرىىنى ئافرىقانى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان شەكىلدە يولغا سېلىشقا باشلىدى» دېدى.

پۇتىن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، «بۇنىڭ مۇقەررەر بىر جەريان ئىكەنلىكى»نى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر