مەنسۇر: ئىسرائىلىيە جازالىنىشى كېرەك
پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر ئىسرائىلىيەنىڭ «جازاسىز قېلىش» ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2217256
پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «جازاسىز قېلىش» ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەنسۇر بەيت لاھىيە ۋە غەززەنىڭ شىمالىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەلماۋاسىدىكى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتقان سەرگەردان ئائىلىلەر يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلىنىپ، تىرىك كۆيدۈرۈلدى. ھەر سائەت، ھەر كۈن تېخىمۇ كۆپ پەلەستىنلىك بالا، ئايال ۋە ئەرلەر ئەخلاقسىز ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. جانلار نابۇت بولماقتا، ئائىلىلەر خارابىلىققا ئايلىنىپ، پۈتۈن بىر خەلق ۋەھشىيلەرچە يوقىتىلماقتا» دېدى.
ئۇ بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق بارلىق قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، پۈتكۈل قىزىل سىزىقلاردىن ھالقىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئىسرائىلىيە بۇلاڭچى دۆلەتكە ئايلاندى» دېگەن مەنسۇر، ب د ت غا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ب د ت نىڭ ئاگېنتلىقىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە خادىملىرىنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنسۇر بارلىق دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم كۈچىنى ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت بارلىق ئىمكانىيەتلەر ئىشلىتىلىپ توختىتىلىشى كېرەك» دېدى ۋە بارلىق دۆلەتلەرنى دەرھال، شەرتسىز ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.