جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول 3-دېكابىر (2024) كېچىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى تەكلىپ قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇننىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

2217188
جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئولنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇننىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ئېلان قىلغان جىددىي ھالەت بىر قانچە سائەت ئىچىدە دەسلەپتە پارلامېنتنىڭ قارشى ئاۋاز تاشلىشى، ئارقىدىن مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇن تۈنۈگۈن (4-دېكابىر) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جىددىي ھالەت سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا ۋە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقتىن ئەپۇ سورىغان ئىدى.

ئۆكتىچى پارتىيەلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش نىيىتىنى ئاشكارىلاشتىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئولنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى پارلامېنتقا سۇنغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئولغا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يۇڭخيۇننىڭ تەكلىپ قىلغانلىقىنى توغرىلىغان ئىدى. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرىكى باشلىقى بولغان كىم يوڭخيۇن پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئۇلغا يېقىنلىقى تونۇلىدۇ.

پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئول دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچى چوي بيۇڭخۇكنى نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. پېنسىيونىر گېنېرال بولغان چوي بيۇڭخۇك 2019-2020-يىللىرى جەنۇبىي كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر