تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس ناھىيەسىگە راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جەرابلۇس ناھىيەسىگە راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 2 كىشى قازا قىلىپ، 8 كىشى يارىلاندى.

2216767
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس ناھىيەسىگە راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زور ماگار رايونىنى ئىشغال قىلغان پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى جەرابلۇسقا راكېتا ئاتقان. ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 8 كىشى يارىلانغان.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي يېزىلىرىدا 27-نويابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغان ئىدى.

28-نويابىردا ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي يېزىلىرىدىن مەركەزگە قاراپ تېز ئىلگىرىلىگەن  ئۆكتىچى قوراللىق قىسىملار 30-نويابىردا مەركەزنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغان ئىدى.  

30-نويابىردا خان شەيخۇن ناھىيەسىنىڭمۇ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا  ئېلىپ پۈتۈن ئىدلىبقا ھاكىمىيەت ئورناتقان ئۆكتىچى قوراللىق قىسىملار ھاما ۋىلايىتىدىمۇ توقۇنۇشلار بىلەن ئىلگىرىلەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب يېزىلىرىدا 1-دېكابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قارشى باشلىغان «ئەركىنلىك شەپەقى» ھەرىكىتىدە تېل رىفات ناھىيە مەركىزى تېررورچىلاردىن قۇتۇلدۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر