ئامېرىكا خىتايغا ئۈزەك سانائىتىدە يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۈزەك سانائىتى ساھەسىدە قويغان چەكلىمە ۋە قوغدىنىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرقىسىنى ئېلان قىلدى.

2216579
ئامېرىكا خىتايغا ئۈزەك سانائىتىدە يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۈزەك ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدىغان 24 ئۈسكۈنە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ كاتېگورىيەلىك يۇمشاق دېتالغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويدى.

چەكلىمىلەر دائىرىسىدە، سۈنئىي ئەقىل ئۈزەكلىرىدە قوللىنىلىدىغان «يۇقىرى سىغىملىق ساقلاش» تەركىبىنىڭمۇ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە 140 خىتاي شىركىتىنى «بايلىق تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بايلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرگە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىدىن ئالاھىدە رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت سېتىشقا بولمايدۇ.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو چەكلىمىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۈزەك تېخنىكىسىنى ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلار ۋە قورال سىستېمىلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانى ئېكسپورت كونتروللىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ خىتاينى توسۇش ۋە بېسىمغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

باياناتتا، خىتاينىڭ شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر