ترامپ: يەھۇدىي ئەسىرلەر 20-يانۋاردىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلمىسە، ئوتتۇرا شەرق دوزاخقا ئايلىنىدۇ

ئامېرىكانىڭ نويابىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «غەززەدىكى (ئىسرائىلىيەلىك) ئەسىرلەر (مەن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالىدىغان) 20 – يانۋاردىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئەكسكىچە بولغاندا، ئوتتۇرا شەرق دوزاخقا ئايلىنىدۇ» دېدى.

2216371
ترامپ: يەھۇدىي ئەسىرلەر 20-يانۋاردىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلمىسە، ئوتتۇرا شەرق دوزاخقا ئايلىنىدۇ

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ھاماسنىڭ قولىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ دوزاخقا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ  تەھدىت سالدى.

ترامپ «ئىجتىمائىي ھەقىقەت» ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ھەممە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەكىلدە ئەسىر ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ. ھەممە سۆزلەۋاتىدۇ، ئەمما ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەر يوق. سىلەرگە شۇ رېئاللىقنى بىلدۈرەيكى، ئەگەر تۇتقۇنلار 2025-يىلى 20-يانۋاردىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلمىسە، ئوتتۇرا شەرق دوزاخقا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىنى ئوتتۇرا شەرقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، بولۇپمۇ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلار تۆلەيدۇ. بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغانلارغا ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىڭلار!» دېدى.

ھازىرقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئېلان قىلغاندا، غەززەدىمۇ ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبردىن بۇيان غەززەدە 100 گە يېقىن پۇقراسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيەنىڭ 14 ئايدىن بۇيانقى غەززە ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 45 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر