ھاماس: غەززەدە 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ئۆلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ئۆلدى.

2216511
ھاماس: غەززەدە 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ئۆلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبردىن بۇيان غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئۆكتەبردىن بۇيان غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئۆلگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاماس ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ جاھىللىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھۇجۇملار داۋاملاشسا تېخىمۇ كۆپ ئەسىرنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئىسرائىلىيە غەززەدە 101 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر