ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا بىر ئۆيگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمدا، 40 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2215620
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شىمالىغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرى ھەپتىلەردىن بېرى داۋاملاشماقتا.

جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا پەلەستىنلىكلەر پاناھلانغان بىر ئۆي بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى. ھۇجۇمدا 40 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، كۆپلىگەن پەلەستىنلىكلەر يارىلاندى.

جىبالىيەدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەلستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپكىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۈچ پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، يەنە ئۈچ پەلەستىنلىك يارىلاندى.

نەسر مەھەللىسىدە ۋە نۇسەيرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ شىمالىدا بىر ئۆيگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 8 پەلەستىنلىك شېھىت بولۇپ، 20 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇستىمۇ ياردەم بويۇملىرى ئېلىش ئۈچۈن توپلانغان پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ھاۋا ھۇجۇمىدا 12 پەلەستىنلىك شېھىت قىلىندى.

خان يۇنۇستا، سەپەر قىلىۋاتقان بىر ئاپتوموبىل بومباردىمان قىلىندى. ئارىسىدا غەززەگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى يەتكۈزىدىغان ئامېرىكا مەركەزلىك ئاممىۋى تەشكىلاتمۇ بار بولغان دۇنيا مەركەز ئاشخانىسىدا ئىشلەيدىغان 3 خادىمنى قوشقاندا 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. تەشكىلات، ھۇجۇمدىن كېيىن غەززەدىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.

ئىسرائىلىيە غەززە زېمىنىدا ئۆلتۈرگەن ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 191 گە يەتتى. غەززە شەھىرىدىكى ھۇجۇمدا ئەل-ئەقسا قانىلىنىڭ مۇخبىرى مەمدۇھ قانىتە ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر