ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى

ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 27 - نويابىردا تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.

2215662
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى

لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <NNA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىلاپلىق قىلىشلارنىڭ كۆپىنچىسى نەباتىيە، جەنۇب ۋە بائالبەك ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى، ھەربىي ئايروپىلانلار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، ئۇچقۇلار ۋە ئاپتوماتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا يەنە، يوللارنى بۇلدوزېرلار بىلەن قېزىپ، ئاپتوموبىللارغا ئوتقا قويۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارغان.

ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا 27- نويابىردا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان دەسلەپكى كۈندىن ئېتىبارەن باشلانغان بۇ خىلاپلىق قىلىشلار 60 قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، بۇ جەريانىدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى يارىلانغان.

ئىسرائىل ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائى X ھېسابىدا ئېلان قىلغان بايانىدا، «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى بۇزغان ھىزبۇللاھ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدۇق» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 27- نويابىر چارشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 4:00 دە (تۈركىيە ۋاقتى 5:00 دە) ئىجرا قىلىشنىشقا باشلانغان ئىدى.

كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى مادىدسىدا «ئىسرائىلىيە لىۋاندا ئاممىۋىي ياكى دۆلەتكە تەۋە نىشانلارغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ياكى ھاۋادىن ھېچقانداق ھەربىي ھۇجۇم قىلمايدۇ» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر