ئىسرائىلىيە خەلقى بىنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە خەلقى، باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ھەپتىمۇ شەنبىلىك نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

2215650
ئىسرائىلىيە خەلقى بىنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
israil gosteri.jpg
israil gosteri1.jpg

باش مىنىستىر نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىدىكى سىياسىيونلارغا قارشى پلاكات، ئېلان ۋە تىزىملىك كۆتۈرگەن نامايىشچىلار، «بىبى (نېتانياھۇ) ئەسىرلەرنى قويۇپ بەر! سەن باشتىسەن! سەن جىنايەتچىسەن!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

بەزى ئەسىر يېقىنلىرى سۆزلىرىدە، ھۆكۈمەتكە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈچ ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەلىپى بىلەن ھايفادا نامايىش ئۆتكۈزدى.

تېل ئەۋىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن ئىلگىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا توپلانغان ئەسىر ئائىلىلىرى، ھاماسنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بىر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا «قۇتۇلۇشلىرى ئۈچۈن مۇزاكىرە يولىدا نوپۇزىنى ئىشلىتىش» چاقىرىقىنى قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىىشقا دائىر ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ھاماسنىڭ قولىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ماتاننىڭ ئانىسى ئېنۋ زاڭگاۋكېر، «ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ھۇجۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىم تەكلىپى سۇنمىغان ھۆكۈمەت، ئەسىرلەرگە ۋە بىز ئائىلىلەرگە خىيانەت قىلماقتا» دېدى.

زاڭگاۋكېر، باش مىنىستىر نېتانياھۇ، ئاشقۇن ئوڭچى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى بېن-گۋىر ۋە مالىيە مىنىستىرى بېزالىل سموتىرىچنىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ غەززەدە ئولتۇراق رايون قۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەدە 101 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەدە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىنىشى ۋە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە.

باش مىنىستىر نېتانياھۇ «سىياسىي سەۋەبلەر» بىلەن غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھاماس بىلەن ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئەيىبلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر