ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، سېرگېي لافروۋ بىلەن تېلېفوندا سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئېراكچى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لافروۋ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرىلەشتى.

2215656
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، سېرگېي لافروۋ بىلەن تېلېفوندا سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى مىنىستىر سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاستانا مۇزاكىرە باسقۇچىنىڭ ئۈچ كاپالەتچىسى تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كوئوردىناتسىيە ئوتنىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىككى مىنىستىر سۈرىيەنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قەتئىي قوللاپ، مەزكۇر مەسىلىلەردە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لافروف سۈرىيە مەسىلىسىدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ كوئوردىناتسىيەسى ۋە يېقىندىن مەسلىھەتلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى مىنىستىر سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى كۈچلۈك قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىقلارنىڭ كۈچىيتىلىشى ۋە ئاستانا فورماتى دائىرىسىدە ۋەزىيەتىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر