دونالد ترامپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە %100 تامۇژنا بېجى قويۇش بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر دوللاردىن يىراقلىشىش پىلانىدىن ۋاز كەچمىسە، 100 پىرسەنت تامۇژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ترامپ ئۆزىگە تەۋە"Truth Social" ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، <BRICS> كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (برازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) نىڭ دوللاردىن يىراقلىشىش ھەرىكىتىگە بىر چەتتە قاراپ تۇرىدىغان چاغنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن يېڭى بىر پۇل بىرلىكى قۇرماسلىققا ۋە قۇدرەتلىك ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان باشقا پۇل بىرلىكىنى قوللىماسلىققا ۋەدە بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز»
دونالد ترامپ ترامپ تامۇژنا بېجى قويۇش بىلەن تەھدىت سالغان ھالدا: «ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلار 100 پىرسەنت تامۇژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ ۋە ئامېرىكاغا سېتىش پۇرسىتىدىن مەڭگۈلۈك ۋاز كېچىشنى كۈتۈشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا سودىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى باسالىشى مۇمكىن ئەمەس ۋە بۇنى سىناپ باقماقچى بولغان ھەر قانداق دۆلەت ئامېرىكاغا ئەلۋىدا دېيىشى لازىم» دېدى.