زېلېنسكىي: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن پۈتۈشەلىشىمىز مۇمكىن

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ناتو ئەزالىقى بەدىلىگە رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنىڭ «جىددىي باسقۇچى» نى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

2215481
زېلېنسكىي: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن پۈتۈشەلىشىمىز مۇمكىن

زېلېنسكىي «‹Sky News› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختالدى.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئۇرۇشنىڭ جىددىي باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىشى ۋە دۆلىتىنىڭ ئىشغال قىلىنمىغان رايونلىرىنىڭ بېسىۋېلىنماسلىقىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇشنىڭ جىددىي باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولساق، ئالدى بىلەن، كونتروللۇقىمىز ئاستىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى ناتو قالقىنى ئاستىغا ئېلىشىمىز كېرەك. بۇنى تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇكرائىنا (ئىشغال ئاستىدىكى) زېمىنلىرىنى كېيىنچە دىپلوماتىك يوللار بىلەن قايتۇرۇۋالالايدۇ.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇكرائىنا زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا قايتا ھۇجۇم قوزغىماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان زېلېنسكىي، ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قالغان قىسمىنى دەرھال ئەزالىققا قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر