سۈرىيەدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق لىۋانلىق ئۆي - ماكانلىرىغا قايتتى

ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيەدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق لىۋانلىق ئۆي - ماكانلىرىغا قايتتى.

2215482
سۈرىيەدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق لىۋانلىق ئۆي - ماكانلىرىغا قايتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ سۈرىيە ۋەكىلى گونزالو ۋارگاس لوسا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، سۈرىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لوسا ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان 27-نويابىرغىچە مىڭلىغان لىۋانلىق ۋە سۈرىيەلىكنىڭ لىۋاندىكى بومباردىماندىن قېچىپ سۈرىيەگە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇش توختىتىش باشلىنىپ  48 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن 15 مىڭدىن ئارتۇق لىۋانلىقنىڭ ئۆي - ماكانلىرىغا قايتقانلىقىنى كۆردۇق.

بۇ كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى كۈندىلىك ھاياتلىرىنى تىنچ مۇھىت ئاستىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سۈرىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىدا خىزمەت ئىشلەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر