پەلەستىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدا پەلەستىن خەلقىگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

2215462
پەلەستىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋافا) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  پەلەستىن دۆلەت رەئىسلىكى مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدا پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاچ قويۇش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا، بولۇپمۇ غەزە رايونىنىڭ شىمالىدا ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە ئاچ قويۇش سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى خەلققە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە غەززەگە جىددىي ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئارىلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 17 مىڭ 492 بالا ۋە 11 مىڭ 979 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 44 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 105 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلانغان.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەر بار بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرى جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتماقتا ئىكەن.

خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋەيران قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر