غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 44 مىڭ 382 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 19 ئادەم كۆپىيىپ، 44 مىڭ 382 گە يەتتى.
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 421 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 4 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 19 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 72 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 44 مىڭ 382 گە، يارىلانغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 105 مىڭ 142 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرى ۋە بەيت لەھيەدىكى قەتلىئاملىرى داۋامىدا 100 گە يېقىن پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلىگەن پەلەستىنلىك يارىلانغانىدى.