ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى.

2215165
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان  قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ باياناتىدا، بومباردىماننىڭ نىشانىنىڭ ھىزبۇللاھقا تەۋە دەپ قارالغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك راكېتامىيۇت ئىسكىلاتى ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندا «ھىزبۇللاھ پائالىيىتى بايقىغانلىقى» نى، شۇڭا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئادرائې تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17:00 دىن بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 07:00 گىچە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا سەپەر قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر