سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە، ئېتىشىشلار شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ھەلەب شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلىرىگە بىر كىلومېتىر يېقىنلاشتى.

2215133
سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە، ئېتىشىشلار شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە 27-نويابىر تاڭ سەھەردە بەششار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بەشبشار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلاندى ۋە كۈن بويى داۋاملاشتى.

ھەلەبنىڭ غەربىدە 32 يېزا ۋە نۇقتىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن قوراللىق گۇرۇپپىلار، 28-نويابىر ھەلەب بىلەن ئىدلىب ۋىلايەتلىرىدە جەمئىي 24 يېزا ۋە نۇقتىنى قولغا چۈشۈردى.

ھەلەب شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرگە بىر كىلومېتىرغىچە يېقىنلاشقان ۋە تەخمىنەن 400 كىۋادرات كىلومېتىر جاينى قولىغا كىرگۈزگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار، ھەلەبتىكى نەيراپ ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر تىك ئۇچارنى پارتلاتتى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى مەھەللىلەرنى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئوققا تۇتتى.

قوراللىق گۇرۇپپىلار كونترول قىلغان رايونلاردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر تىپلىق قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىكى نۇرغۇن  ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قورال-ياراغلارنى قولغا چۈشۈردى.

ئېتىشىشلاردا، نۇرغۇن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئەسىرگە چۈشتى. يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان تەخمىنەن 10 مىڭ پۇرا ئىدلىب ئەتراپىدا پاناھلاندى.

ئېتىشىشلار ھەلەب شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر