پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا يادرو قورالىغا ئىگە بولغان ئەھۋالدا قوللىرىدىكى بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
2215083
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ غەرب تەمىنلىگەن ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: «بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلارغا قېتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 27-نويابىر كېچە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا 90 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 100 دانە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىندى. ئەلۋەتتە، رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇملارغا جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى.
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«ئەگەر ئۇكرائىنا يادرو قورالىغا ئېرىشسە، بىز قولىمىزدىكى بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىمىز. ئەگەر يادرو قوراللىرى ئۇكرائىناغا رەسمىي بېرىلسە، بۇ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭەيتىلمەسلىكى توغرىسىدىكى بارلىق مەجبۇرىيەتلەر (يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى) گە خىلاپلىق قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئۇكرائىنادا بۇنىڭغا يول قويمايمىز، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىمىز.»
ئۇ ئاخىرىدا، 2022-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا بىلەن ئىلگىرى ئېلان قىلغان شەرتلەر ئاستىدا سۆھبەتكە ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى
گىرېتسىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى