نېتانياھۇ ھاماسنى يوقاتمىغىچە ئۇرۇشنىڭ توختىمايدىغانلىقىدىن شەپە بەردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ غەززەدىكى ھۇجۇملارنى پۈتۈنلەي توختىتىدىغان كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2215167
نېتانياھۇ ھاماسنى يوقاتمىغىچە ئۇرۇشنىڭ توختىمايدىغانلىقىدىن شەپە بەردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ 14-قانالدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن لىۋاندا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەدە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە توختالدى.

غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نېتانياھۇ، ھۇجۇمنى پەقەت «ۋاقىتلىق توختىتىش مۇمكىنچىلىكى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىز مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشەنگىنىمىزدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا تەييارمەن» دېدى ۋە ھاماس بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش شارائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ لىۋاندىكى شارائىتنىڭ غەززەدىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھاماسنى «يوقىتىش» قا، «ھىزبۇللاھنىڭ قايتا قوراللىنىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ىەيت قىلدى.

ئۇ لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «قىسقا مۇددەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى، ئەگەر ھىزبۇللاھ ئۇرۇش توختىتىشنى بۇزسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە «شىددەتلىك» جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ دۆلىتىگنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆزىگە قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشتىكى كېچىكىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پىرېزىدېنت ترامپ ماڭا ئېنىق قىلىپ، قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشتە ھېچقانداق كېچىكىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر