غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 44 مىڭ 363 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 33 ئادەم كۆپىيىپ، 44 مىڭ 363 كە يەتتى.
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 420 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 3 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 33 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 137 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 44 مىڭ 363 كە، يارىلانغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 105 مىڭ 70 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى.