بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2215183
بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى «ھەيران قالارلىق ھۇجۇم» دەپ ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن 50 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا.»

بايدىن رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇكرائىنا پۇقراسىنىڭ توكسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قىشقا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن ئېنېرگىيە تورىنىڭ چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

رۇسىيە تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ ۋىننىتسىيا شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر