قەبىلىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 دىن ئېشىپ كەتتى

پاكىستاندا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قەبىلىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 102 گە چىقتى.

2214761
قەبىلىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 دىن ئېشىپ كەتتى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاخيۇنخۋا ئىشتاتىنىڭ مەركىزى پېشاۋېرغا 218 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇررام رايونىدا، شىئە قەبىلىلىرى بىلەن سۈننى قەبىلىلەر ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئافغانىستان چېگراسىغا جايلاشقان رايوندا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قەبىلىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 102 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 138 كىشى يارىلانغان. يەتتە كۈندىن بۇيان مەكتەپلەر ۋە دۇكانلار تاقالغان بولۇپ، قەبىلىلەر ياشايدىغان رايونلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان پېشاۋېر-پاراچىنار تاشيولىنىڭ قاتنىشىمۇ توختىتىلغان.

قۇررامدا 21-نويابىر (2024) شىئەلەر ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان، ۋەقەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 42 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، شىئە قەبىلىلىرى بىلەن سۈننى قەبىلىلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش باشلانغان ئىدى.

240 مىليون نوپۇسى بار پاكىستاندا، شىئەلەر %15 نى ئىگەللەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر