نېتانياھۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (خ ج ئى س م) نىڭ ئۆزى ۋە سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2212617
نېتانياھۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ سىن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلدى.

باياناتىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ «تەرەپباز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن نېتانياھۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزى ۋە گاللانتقا «خىيالىي جىنايەتلەرنى ئارتقانلىقى»نى داۋراڭ قىلدى.

ئۇ مەھكىمىنىڭ قارارىنىڭ «يەھۇدىيلارغا قارشى ئىكەنلىكى»نى، ئۆزلىرىنىڭ «بېسىمغا باش ئەگمەيدىغانلىقى»نى جاكارلىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى كەرىم خان ۋە سوتچىلار ھەققىدە ھەر خىل دەۋالارنى تىلغا ئالغان نېتانياھۇ، مەزكۇر قارارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن نېتانياھۇ ۋە گاللانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر