ھىندىستاندا دوختۇرخانىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 10 بوۋاق ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 10 بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىگە قاراشلىق جانسى شەھىرىدىكى جانسى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدە، سەۋەبى تېخى نامەلۇم بولغان ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
دوختۇرخانىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى مەسئۇلى ساچىن ماھورنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئوت كېتىش ۋەقەسىدە جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدىكى 50 تىن ئارتۇق بوۋاقتىن 10 ى ھاياتىدىن ئايرىلغان، باشقا بوۋاقلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى يوگى ئادىتيانات ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ خۇددى «ئۇرۇش ھالىتىدىكىگە ئوخشاش جىددىي ئېلىپ بېرىلىشى» توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن.
ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى براجېش پاتاك ئوت كېتىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.