ئامېرىكا ھۇسىيلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەمەندىكى ھۇسىيلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

2210104
ئامېرىكا ھۇسىيلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) 9 – ۋە 10 – نويابىر كۈنلىرى يەمەندىكى ھۇسىيلار نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ھەققىدە كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇسىيلارغا تەۋە مۇئەسسەسەلەر ۋە قورال - ياراغ سىستېمىلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى، بومباردىمان نەتىجىسىدە ھۇسىيلارغا تەۋە كۆچمە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يەمەندىكى ھۇسىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2023-يىل 31-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يەمەن دېڭىزى بويلىرىدا ئىسرائىلىيە شىركەتلىرىگە تەۋە سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلماقتا، ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەۋە ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر