ئالسانى ئەنقەرەدە

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى.

2210113
ئالسانى ئەنقەرەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالسانىنى مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

مۇراسىمدىن كېيىن ئەردوغان بىلەن ئالسانى ئايرىم كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئالسانى تۈركىيە-قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

يىغىندىن كېيىن ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىككى رەھبەر كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئالسانىنىڭ زىيارىتى داۋامىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

قاتار ئەمىرىنىڭ زىيارىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى، ھاماس مەسىلىسى ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر