ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئەنقەرەدە
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون خېلېي رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى.
2210085
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون خېلېينى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.
ئىككى مىنىستىر ھەربىي مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
سۆھبەتلەردە تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن «يۇروفايتېر» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
گۈلەر بىلەن خېلېي كېيىنچە يېقىندا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتىنى زىيارەت قىلىدۇ.