ياشار گۈلەر: «ترامپ سۇرىيەدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى مۇمكىن»
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ سۇرىيەدىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياشار گۈلەر بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىغا بەرگەن باياناتىدا: «ترامپ ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئۈچ قېتىم سۇرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ قېتىممۇ چىڭ تۇرۇپ، رايوندىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشى مۇمكىن» دېدى.
«ترامپنىڭ ئىككىنچى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ F-16 ۋە F-35 تەلەپلىرىدە تېزلىشىش بولۇشىنى كۈتەمسىز؟» دېگەن سوئالغا قارىتا ياشار گۈلەر: «ھازىر ئامېرىكالىق دوستلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى يۆنىلىشتە، ھېچقانداق ناچارلىشىش بولمايدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. 40 دانە F-16 Viper سېتىۋېلىشنى خالايمىز ۋە سېتىۋالىمىز، كېلىشىملەرمۇ ئىمزالاندى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە 40 دانە Eurofighter Typhoon ئايروپىلانى سېتىۋالىمىز. گېرمانىيە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرماقتا ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا ناتودىكى دوستلىرىمىز ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ ئىجابىي تۆھپىلىرى بىلەن گېرمانىيەمۇ ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى» دېدى.
تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان مىنىستىر گۈلەر، سۇرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د غا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) قا قىلىنغان ھۇجۇمدا قۇربان بولغانلارنىڭ ئىنتىقامى ھەسسىلەپ ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياشا گۈلەر تۈركىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) قا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ: «ئەلۋەتتە ۋاقىتىنىڭ تاللىنىشىنى مەنىلىك دەپ قارايمەن. بۇ ۋەقەدە دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە سانائىتىمىز بىۋاستە ھۇجۇم نىشانى قىلىندى» دېدى.
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) نىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ كۆز قارىچۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈلەر، ھۇجۇمنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:
«مۇداپىئە سانائىتىمىزدە ھەر كۈنى يېڭى مەھسۇلاتلار چىقىۋاتىدۇ. مۇكەممەل تەرەققىياتلار بولۇۋاتىدۇ. مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ھەر بىر بۆلۈمىدە ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەر قىلىنىۋاتىدۇ. TUSAŞ بۇ سەۋەبتىن ھۇجۇم نىشانى ئورنىدا تاللانغان بولۇشى مۇمكىن»