سۇداندا ۋابا كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 979 غا يەتتى
سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىكى ۋابا كېسىلىگە يولۇققانلا سانىنىڭ 34 مىڭ 108 گە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ۋابا كېسىلى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 979 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۇداندا ئىيۇلدا باشلانغان يامغۇر ۋە كەلكۈنلەر، ۋابا كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى.
سۇدانلىق مەسئۇللار، 12 - ئاۋغۇستتا ۋابا كېسىلىنى ئەپىدېمىيە دەپ جاكارلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، 1-ئۆكتەبىردە 3.4 مىليون سۇدانلىق كىچىك بالىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) مۇ، 5-ئۆكتەبىردە سۇدانغا 1.4 مىليون دوزا ۋابا ۋاكسىنىسى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان سۇداندا، سەھىيە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالمايۋاتقان بۇ مەزگىلدە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا.