رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى قارا دېڭىزدا ئۇچۇش مەشىقى قىلدى
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىككى دانە «Tu-22M3» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىزدا پىلانلىق ئۇچۇش مەشىقى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2209576
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دانە «Tu-22M3» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى قارا دېڭىزدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە پىلانلىق ئۇچۇش مەشىقى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارغا «Su-30CM« ۋە «Su-27« تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەمراھ بولغان. مەشىق بەش سائەت داۋاملاشقان.
باياناتتا يەنە، ئىككى دانە Tu-95 MS تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭمۇ بارېنتس دېڭىزى ئۈستىدە ئۇچقانلىقى قەيت قىلىندى.
مىنىستىرلىق رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئانتاراكتىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان، قارا دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىدا دائىم مەشىق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ مەشىقلەرنىڭ خەلقئارالىق ھاۋا بوشلۇقى قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.