مىنىستىرى لويىد ئوستىن ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۇمېروۋ بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملاشتۇرىۋاتقان ياردىمى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
2209716
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، لويىد ئوستىننىڭ ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ئۇمېروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئوستىن ئۇچرىشىشتا ئۇكرائىنا - رۇسىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالدى ھەمدە ئۇمېروۋغا جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇكرائىناغا مۇداپىئە ياردىمىنى ئاشۇرۇش ۋەدىسىنى» قايتا تەكرارلىدى.
شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ سېپىدە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان ئىككى رەھبەر، يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنىى تەكىتلەشتى.