خۇسىيلار ئامېرىكانىڭ ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوتى ۋە بىر ئاۋىياماتكىسىغا ھۇجۇم قىلدى

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار، قىزىل دېڭىز ۋە ئومان دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكاغا تەۋە ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوتى ۋە بىر ئاۋىياماتكىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2209705
خۇسىيلار ئامېرىكانىڭ ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوتى ۋە بىر ئاۋىياماتكىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى، خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئومان دېڭىزىدا 8 سائەت داۋاملاشقان ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دەسلەپكى ھۇجۇمدا ئومان دېڭىزىدىكى ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى"ئابراھام لىنكولن" غا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان يەھيا سەرى، ئامېرىكا يەمەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە بۇ ھۇجۇمنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەھيا سەرى ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا بولسا، قىزىل دېڭىزدىكى ئامېرىكاغا تەۋە ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوتنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋان خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يەھيا سەرى، خۇسىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىن ۋە غەززە رايونىدىكى قورشاۋى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچە، غەززە ۋە لىۋاندىكى ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلگۈچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇسىيلارنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنىۋى يېتەكچىلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇللاھ بىن ئامىر، ئامېرىكا كۈچلىرىگە قارشى ئالدىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)، ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارغا قارىتا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پېنتاگون باياناتچىسى گېنېرال پاترىك رايدېر، ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ (CENTCOM) يەمەندىكى خۇسىيلارغا تەۋە بىر قانچە قورال-ياراغ ئامبىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خۇسىيلارنىڭ ئامېرىكا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رايدېر يەنە، 11-نويابىردا ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەۋە قىسىملارنىڭ بابۇلمەندەب بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا دۇچ كەلگەن خۇسىي ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

رايدېر ئۆتۈش جەريانىدا <USS Stockdale> ۋە <USS Spruance> ناملىق ھۇجۇمچى پاراخوتلىرىنىڭ ئەڭ ئاز 8 تاق يۆنىلىشلىك ھۇجۇمغا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا، 5 پاراخوت سوقار بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ۋە 3 پاراخوت سوقار كرۇز باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇملارنىڭ توسۇۋېلىنىشى نەتىجىسىدە پاراخوتلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق خادىمنىڭ يارىدار بولمىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

رايدېر، "ئابراھام لىنكولن" ئاۋىياماتكىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ، <بۇ ھەقتە ھېچقانداق ھۇجۇمدىن خەۋىرىم يوق> دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر