ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قارار ماقۇللاشقا چاقىردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى – ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى پەۋقۇلئاددە بىرلەشمە يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياننامىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېنىق تەدبىر قوللىنالمايۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقى بايان قىلىندى.
باياننامىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشى «غەززەدە ئوت توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ غەززەگە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىكە ئىگە قارار ماقۇللاشقا چاقىرىق قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى توختىتىپ قويۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە ئومۇمىي كېڭەشكە قارار لايىھەسى سۇنۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان بىرلەشمە باياننامىدە، بارلىق دۆلەتلەر «ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېكسپورت قىلىشنى ياكى ئەۋەتىشنى چەكلەش» كە چاقىرىق قىلىندى، ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تەلەپ قىلىندى.
باياننامىدە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىمۇ ئەسلىتىلىپ، بۇ قارارلارنىڭ تېزدىن ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.