لۇلا دا سىلۋا: «مادۇرو بىزنىڭ ئەمەس، ۋېنېزۇئېلانىڭ مەسىلىسى»
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇئىز ئىناسىئو لۇلا دا سىلۋا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «مادۇرو بىزنىڭ ئەمەس، ۋېنېزۇئېلانىڭ مەسىلىسى» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇلا دا سىلۋا بىرازىلىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىندا دىپلوماتىك يىرىكچىلىك يۈز بەرگەن قوشنىسى ۋېنېزۇئېلانىڭ رەھبىرى مادۇرو بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا: «باشقا دۆلەتلەر ۋە رەھبەرلەر بىلەن يىرىكچىلىك يۈز بەرگەندە، مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ناھايىتى دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە مادۇرو بىزنىڭ ئەمەس، ۋېنېزۇئېلانىڭ مەسىلىسى. مەن ئەندىشە قىلىۋېرەلمەيمەن. بىر كۈنى نىكاراگۇئا بىلەن، يەنە بىر كۈنى ۋېنېزۇئېلا ياكى باشقا بىر دۆلەت بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتىمىز. مېنىڭ ۋەزىپەم بىرازىلىيەنىڭ توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر» دېدى.
ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لۇلا دا سىلۋا، ھېچقانداق دۆلەت بىلەن مەسىلىىسى بولغان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ۋېنېزۇئېلادا 28-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مادۇروغەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىرازىلىيەنىڭ نەتىجىلەرگە «گۇمان» بىلەن قارىشى ۋە سايلام ئارخىپلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى، ئىككى قوشنا دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك يىرىكچىلىككە سەۋەب بولغانىدى.