كولومبىيەدە «دۆلەتلىك ئاپەت ھالىتى» ئېلان قىلىندى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو دۆلەت بويىچە قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن «دۆلەتلىك ئاپەت ھالىتى» ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

2209324
كولومبىيەدە «دۆلەتلىك ئاپەت ھالىتى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو پايتەخت بوگوتادىكى دۆلەتلىك بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزىدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە كەلكۈندىن زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تېخىمۇ تېز ياردەم يەتكۈزۈش مەقسىتىدە دۆلەتلىك ئاپەت ھالىتى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېترو كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە دۆلەت بويىچە نۇرغۇن رايونلارنىڭ كەلكۈنلەردىن ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەتلىك خىيىم – خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى (UNGRD) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاتتىق يامغۇردىن 46 مىڭ ئائىلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، لا گۇئاخىرا، خۇئىلا، چوكو، نورتې دې سانتاندېر ۋە كاۋكا رايونلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت پېترونىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك خىيىم – خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى كەلكۈندىن ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان شەھەرلەرگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، ئىككى كوللېكتىپ مەبلەغ فوندى (FIC) ئارقىلىق 2.5 مىليارد كولومبىيە پېسوسى (570,000 ئامېرىكا دوللىرى) ئاجرىتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر