بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاكىستاننى ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF) پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن 11 مىليون بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاكىستاننى ئاگاھلاندۇردى.

2209439
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاكىستاننى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ پاكىستاندىكى ۋەكىلى ئابدۇللاھ فازىل بايانات ئېلان قىلىپ، پەنجاب ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 5 ياشتىن كىچىك 11 مىليون بالا ۋە باشقىلارنى قوغداش ئۈچۈن، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئازايتىش مەقسىتىدە جىددىي تەدبىر قوللىنىش ھەم تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.

فازىل ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ 11 مىليون بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ھاۋا بۇلغىنىشى ئەنە شۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشتىن بۇرۇن، پاكىستاندا 5 ياشتىن كىچىك بالا ئۆلۈملىرىنىڭ تەخمىنەن %12 ى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققانىدى.»

پاكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە ھاۋا بۇلغىنىشى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكتىن، باغچا، ھايۋاناتلار باغچىسى، مۇزېي ۋە تارىخىي جايلارنى 17-نويابرغىچە تاقىۋەتكەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پەنجاب ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ماسكا تاقىشىنى مەجبۇرىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان. شۇڭا، پەنجاب ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر