ياپونىيەنىڭ مىنا تازىلاش پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي غەربىدىكى دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە مىنا تازىلاش پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، پاراخوت خادىملىرىدىن بىر كىشى يوقاپ كەتتى ۋە يەنە بىر كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تېلېۋىزىيەسى <NHK> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۆزىنى قوغداش قىسمى (MSDF) مەسئۇللىرى، فۇكۇئوكا ۋىلايىتىگە قاراشلىق مۇناكاتا شەھىرى دېڭىزىدا، دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «ئۇكۇشىما» ناملىق مىنا تازىلاش پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەسئۇللار ئوت ئاپىتىدە پاراخوت خادىملىرىدىن بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ يوقالغانلىقىنى ئېيتقان.
مەسئۇللار ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بۇ ئىككى كىشىنىڭ ماشىنا بۆلۈمىدە بارلىقىنى، دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن يارىدارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مەسئۇللار ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنا تازىلاش پاراخوتىدا 45 ئەتراپىدا كىشى بولۇپ، بىر ھەربىي مەشىق دائىرىسىدە كاگوشىما ۋىلايىتىدىكى بىر پورتقا كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
پاراخوتنىڭ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يولغا چىقالمىغانلىقى ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.