ئىراننىڭ سىستان-بېلۇچىستان ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئىراننىڭ سىستان-بېلۇچىستان ئىشتاتىغا قاراشلىق سەراۋان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، بەش يەرلىك ئامانلىق ساقلاش خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

2208780
ئىراننىڭ سىستان-بېلۇچىستان ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تەسنىم ئاگېنتلىقى سىستان-بېلۇچىستان ئىشتاتىغا قاراشلىق پاكىستان چېگراسىدىكى سەراۋان شەھىرىدە ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بېلۇچلاردىن بولغان بەش نەپەر ئىران ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ۋەقەنى سادىر قىلغانلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان سىستان-بېلۇچىستان ئىشتاتىغا قاراشلىق تەفتان رايونىدا، 26-ئۆكتەبىردىمۇ رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان «جەيشۇل ئادل» ناملىق تەشكىلات، چارلاۋاتقان چېگرا ساقلاش قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ، 10 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

ئىران ھۆكۈمىتى ھۇجۇمدىن كېيىن، رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاپ، تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىر قىسمىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر