سۇداندا قورشاۋ ئاستىدىكى ئەل-ھىلالىييە شەھىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 315 كە يەتتى
سۇداندا 19 ئايدىن بېرى ئارمىيە بىلەن توقۇنۇشۇۋاتقان تېز ياردەم كۈچلىرى (HDK) نىڭ قورشاۋىدىكى جەزىرا ۋىلايىتىنىڭ ئەل-ھىلالىييە شەھىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 315 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پائالىيەتچىلەردىن تەركىب تاپقان «ئوتتۇرىنىڭ چاقىرىقى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا، ئەل-ھىلالىييە شەھىرىنىڭ 17 كۈندىن بېرى تېز ياردەم كۈچلىرى (HDK) نىڭ قورشاۋىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ زەھەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك ۋە پاكىز بولمىغان سۇ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى ھەمدە شەھەردە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 315 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنىپ، قۇربانلارنىڭ ئىسىملىرى ئېلان قىلىندى.
تېز ياردەم كۈچلىرى 20- ئۆكتەبىردىن 26 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جەزىرادىكى يېزىلارغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىي ئىشلار ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (OCHA)، 28-ئۆكتەبىردە، جەزىرا ۋىلايىتىدە «كۈچىيىۋاتقان قوراللىق زوراۋانلىق دولقۇنىنىڭ» نەتىجىسىدە 46 مىڭ كىشىنىڭ يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر، جەزىرا ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن قانۇنسىزلىقلارنى ئەيىبلىگەن ئىدى.