مەھمۇت ئابباس: «غەززە رايونىدا <ئىككىنچى نەقبا> يۈز بېرىۋاتىدۇ»
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس غەززە رايونىدا «ئىككىنچى نەقبا» ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھمۇد ئابباس پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋول شەخسلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان پەلەستىننىڭ تۇنجى دۆلەت رەئىسى ياسىر ئەراپات ۋاپاتىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ تېكىستى پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافا (WAFA) دا ئېلان قىلىندى.
ئابباس پەلەستىن خەلقىنىڭ قىيىن بىر باسقۇچتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «غەززە رايونىدا <ئىككىنچى نەقبا> يۈز بېرىۋاتىدۇ. خەلقىمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. مىڭلىغان كىشى ئۆلۈۋاتىدۇ ۋە يارىلىنىۋاتىدۇ، ھەممە يەر ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئۆيسىز قالماقتا، كېسەل بولماقتا ۋە ئاچ قالماقتا» دېدى.
ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ياشىغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ۋە غەززەنىڭ شىمالىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەدىكى ئەشەددىي ئوڭچىل ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان سۈرگۈن قىلىش پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئاخىرىدا، پەلەستىن خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنى يوق قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.