لىۋاندا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى قىرغىن قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى ئاشماقتا

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3189 غا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 78 گە يەتتى.

2208852
لىۋاندا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى قىرغىن قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

تۈنۈگۈن لىۋاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىدا 53 كىشىنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقى ۋە 99 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3189 غا، يارىلانغانلار سانىنىڭ 14 مىڭ 78 گە كۆتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قەتلى قىلىنغانلاردىن 815 ى ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 188 ى سەھىيە خادىملىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر