ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سۇر شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 7 سى قۇتقۇزۈش خادىمى بولۈپ، جەمئىي 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ سۇرغا قاراشلىق دەير قانۇن راس ئەل-ئەين ۋە ئەين بىئال يېزىلىرىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ توپلىنىش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇملاردا يەتتىسى قۇتقۇزۈش خادىمى بولۇپ، جەمئىي 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەمدە بەش جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىنى قوشقاندا، جەمئىي 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ئەيىبلەندى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھۇجۇملارغا قارىتا چېكىندۈرگۈچ پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ سۇر شەھىرىگە قاراشلىق ھانناۋىيە يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 نەپەر پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە بايانات بېرىلمىدى.
قاتىل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بائالبەك ئەل-ھىرمىل ئۆلكىسىنىڭ بائالبەك ناھىيىسىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 20 كىشى قازا قىلىپ، 14 كىشى يارىلاندى.
جەنۇبتىكى نەباتىيە شەھىرىدە ئەل-مەيدان مەھەللىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3100 گە ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 13 مىڭ 900 غا يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى
گىرېتسىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىغا جاۋاب بېرىشنى توڭلاتتى