ئىسرائىلىيە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 32 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، 13 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 32 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

2208522
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 32 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جىبالىيە ئەل-بەلەد رايونىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان ئاللۇش ئائىلىسىگە تەۋە بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان.

شاھىتلار ھۇجۇمدا 13 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 32 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۆرۈلگەن ئۆينىڭ خارابىلىقى ئاستىدا يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خارابىلىق ئاستىدا قالغان پەلەستىنلىكلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چەكلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن قاتىل ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن  ئايرىلغان مۇخبىرلارنىڭ سانى 188 گە يەتتى.

غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، مۇخبىرلاردىن زەھرا مۇھەممەد ئەبۇ سۇھەيل، ئەھمەد مۇھەممەد ئەبۇ سۇھەيل، مۇستافا خىدر بەھر ۋە ئابدۇراھمان خىدر بەھرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا  ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇستافا بەھرنىڭ 31-مارتتا ۋە ئابدۇراھمان بەھرنىڭ 6-ئۆكتەبىردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاقتىدا ئېلان قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىغان 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىرلار سانىنىڭ 188 گە ئۆرلىگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر