قاتار غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىكنى داۋاملاشتۇرىدۇ

قاتار غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2208498
قاتار غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىكنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماجىد ئەل-ئەنسارى، قاتار ئاخبارات ئاگېنتلىقى (QNA) غا بەرگەن باياناتىدا، قاتارنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك قىلىشتىن چېكىنگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنسارى ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئاخىرقى مۇزاكىرىلەردە، كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ئەھۋالدا، ھاماس ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىكنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى تەرەپلەرگە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى ئەنسارى، قاتارنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن شۇنداقلا غەززەدىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئېغىر ۋەزىيەت سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پۇقرالارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «قاتار دۆلىتى مۇرەسسەسچىلىكنىڭ بىر تەھدىت قورالى ئورنىدا ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماجىد ئەل-ئەنسارى  قاتارنىڭ پەلەستىن خەلقىگە، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان ۋە 1967 - يىللىق چېگرانى ئاساس قىلغان مۇستەقىل دۆلەتكە ئېرىشكۈچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ قاتار ئۈچۈن مەركىزىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنسارى يەنە دوھادىكى ھاماس سىياسىي بېيرۇسى ئىشخانىسى ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، قاتاردىكى ئىشخانىنىڭ مەقسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئارىسىدا ئالاقە قانىلى بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قانالنىڭ ئۆتكەن يىلى ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەنسارى، توغرا ئۇچۇرلارغا رەسمىي مەنبەلەردىن ئېرىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر