ھىندونېزىيەدىكى لېۋوتوبى لاكى-لاكى يانار تېغى قايتىدىن پارتلاپ كۈل پۈركۈشكە باشلىدى
ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي فلورېس رايونىدىكى لېۋوتوبى لاكى-لاكى يانار تېغى قايتىدىن پارتلاپ كۈل پۈركۈشكە باشلىدى. بۇ يانار تاغ ئىلگىرىمۇ پارتلاپ 9 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ۋولقانولوگىيە ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تۆۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ باشلىقى ھادى ۋىجايا مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.
ۋىجايا 4 - نويابىردا پارتلىغان لېۋوتوبى لاكى-لاكى يانار تېغىنىڭ تۈنۈگۈن يەنە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈچ قېتىم كۈل پۈركىگەنلىكىنى بىلدۈردى. يانار تاغ كۈللىرىنىڭ تەخمىنەن 9 كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
لېۋوتوبى لاكى-لاكى يانار تېغىنىڭ 4 - نويابىردىكى پارتلىشىدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ھىندونېزىيە ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى، يانار تاغدىكى ۋولقانىك ھەرىكەتنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن رايوندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى «4-دەرىجىلىك» ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلغان ئىدى.
ھىندونېزىيە ئاپەت باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى قايتا پارتلاش ئېھتىماللىقىغا قارىتا 2 مىڭ 600 دىن ئارتۇق ئائىلىگە رايوننى مەڭگۈلۈك تەرك ئېتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.
«تىنچ ئوكيان ئوت ھالقىسى» يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ بەلبېغىغا جايلاشقان ھىندونېزىيەدە 130 ئاكتىپ يانار تاغنىڭ بارلىقى مەلۇم.