فىلىپ لاززارىنى: «ئىسرائىلىيە غەززىدىكى ئاچارچىلىقنى قورال ئورنىدا ئىشلەتمەكتە»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قۇرۇلۇش ئاگېنتلىقى (UNRWA) نىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى غەززىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتى تەرىپىدىن قورال ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2208539
فىلىپ لاززارىنى: «ئىسرائىلىيە غەززىدىكى ئاچارچىلىقنى قورال ئورنىدا ئىشلەتمەكتە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپ لاززارىنى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەپسۇسكى، بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، غەززەنىڭ شىمالىدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېدى.

فىلىپ لاززارىنى «ئاچارچىلىق ئىسرائىلىيە دۆلىتى تەرىپىدىن قورال ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە » دېدى ھەمدە بۇ ئەھۋالنىڭ غەززىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ھايات قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئاساسىي ئېھتىياجلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

لاززارىنى: «غەززە رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ياردەملەر ئىنتايىن يېتەرسىز. كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 يۈك ماشىنىسىدىن سەل كۆپرەك بولۇپ، بۇ كۈندىلىك ئېھتىياجنىڭ پەقەت 6% گە توغرا كېلىدۇ» دېدى.

لاززارىنى غەززەنىڭ شىمالىغا مۇنتىزىم ۋە توختاۋسىز ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن سىياسىي قارارلارنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ ئاخىرىقى بىرلەشمە ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى تۈرگە ئايرىش دوكلاتىدا، غەزەنىڭ شىمالىدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر