دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خەلقئارا جامائەتچىلىك سۈكۈت قىلماي، نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززەنى ۋە لىۋاننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا توپلانغان نامايىشچىلار باستىل مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە «ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى بالىلار ئۆلۈمىنىڭ بىرىنچى سەۋەبچىسى» دېگەن خەتلىك پىلاكاتلارنى كۆتۈردى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان شىركەتلەرگە قارشى بايقۇت چاقىرىقى ئېلان قىلدى.
شىۋېتسىيەدىمۇ مىڭلىغان نامايىشچىلار غەززەنى ۋە لىۋاننى قوللاش ئۈچۈن ستوكھولم كوچىلىرىدا بىر يەرگە توپلاندى.
پەلەستىن بايراقلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەيدىغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانىي ياردەم چاقىرىقىدا بولدى.
ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىندىمۇ مىڭلىغان كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پەلەستىننى قوللاش يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلدى.
يۈرۈشتە پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ئۇچۇرى بېرىلدى، غەززەدىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ كرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى تەكرارلاندى ھەمدە ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە پەلەستىنلىكلەرگە كۈچلۈك ياردەم بېرىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.
يۈرۈشكە قاتناشقانلار ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك بوۋاقلارنى تەمسىل قىلىپ، ئاق رەختكە يۆگەلگەن بوۋاق قونچاقلارنى كۆتۈرۈپ، قىرغىن قىلىنغان گۇناھسىز ئىنسانلار تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېتورىيا شەھىرىدىمۇ ئونلىغان كىشى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا توپلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە بىلەن بارلىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش ۋە ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنى تاقاش چاقىرىقىدا بولدى.