ئىسپانىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى
ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋالېنسىيا رايونىدا 29-ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 253 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋالېنسىيا رايونىدا ھازىر بىر تەرەپتىن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، يەنە بىر تەرەپتىن كوچا-كويلار ۋە ئۆي-ئىمارەتلەردىكى پاتقاقلارنى تازىلاش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولمىدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىنغان ۋالېنسىيا رايونىدا بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن 253 كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 52 سى كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە تۇتۇلغان، بۇلاردىن 100 دىن كۆپرەكى تۈرمىگە قامالغان، قالغانلىرى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن پەقەت ۋالېنسىيا رايونىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 215 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 208 ى جەسەت تەكشۈرۈشىدىن، 167 سى كىملىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.
كاستىليا-لا مانچا ۋە ئەندەلۇس قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 223 كە يەتكەن، 78 كىشى يوقاپ كەتكەن.