ناتو رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان قارارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«شىمالىي كورېيەنىڭ مىليونلىغان ئوق-دورا ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ھازىر بېرىۋاتقان زور ياردىمىگە قوشۇمچە قىلىپ، مىڭلىغان جەڭچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا بولغان قوللىشىنى تېخىمۇ خەتەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتمەكتە.
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ھەربىي ھەمكارلىق ھەم ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىنىڭ ھەم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. دەرۋەقە بۇ ھەمكارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.
رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدۇر. رۇسىيەنى بۇ قارارلارغا رىئايە قىلىشقا ۋە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا قايتىشقا چاقىرىمىز.
رۇسىيەنىڭ 26-سېنتەبىر كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش <كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋېتىلدى> دېگەن باياناتىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ دۇنياۋى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپتۇر. بۇ قىلمىش رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
بارلىق دۆلەتلەرنى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قەتئىي ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرىمىز، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز ئۇرۇشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ۋە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرقانداق تەرەپنى ئەيىبلەيمىز.
تاكى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇكرائىنانى ھەردائىم ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»